ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىڭتۇەن مەيدانلىرى كۈچەيتىلمەكچى

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى-بىڭتۇەن بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى نامرات رايونلارغا جايلاشقان 22 پولك،‏ مەيدانىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشنى پىلان قىلغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مەبلەغ سېلىش پىلانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىق نىشانى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشقا قارىتىلغان.

بىڭتۇەن نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتاي دېھقانلىرى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېرى مۇنبەت، سۈيى ئاۋات رايونلارغا يەرلەشتۈرۈلگەندىن سىرت، نۇرغۇن ئالاھىدە سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. مانا بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن بىڭتۇەندىكى مائاشلىق دېھقانلارنىڭ كىرىم پەرقى ئىنتايىن زور. بىڭتۇەننىڭ 2012-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمدىكى يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 35 مىليارد 665 مىليون يۈەنگە يەتكەن ئىدى.

بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئالدىنقى سەپتە رول ئېلىپ كەلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جىددىي تەھدىت دەپ قارىلىۋاتقان بىڭتۇەننىڭ كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا نارازى بولماقتا.