خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 18 - ئاۋغۇست كۈنى «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ دائىملىق مۇخبىرلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان.
بىڭتۇەن تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ ھەرقايسى دىۋىزىيەلەردە شۇنىڭدەك بىڭتۇەنگە قاراشلىق شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي مۇخبىرلار ئىكەن. يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان مۇخبىرلار تىزىملىكىدە بىر نەپەرمۇ ئۇيغۇر ياكى باشقا يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان مۇخبىرلار كىرگۈزۈلمىگەن.
بۇ ھال مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىماقتا.
مەلۇمكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئورگان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي - جايلىرىغا، بولۇپمۇ سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغان جايلارغا ئورۇنلىشىۋالغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليونغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 300 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.
«بىڭتۇەن گېزىتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى ھېسابلانغان «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان گېزىتتۇر. ئۇنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان دائىملىق مۇخبىرلار تىزىملىكىدە بىر نەپەرمۇ ئۇيغۇر ياكى قازاق مۇخبىرنىڭ بولماسلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.