ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا قارار ماقۇللاپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى تەسىس قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرىشنى تەستىقلىغان.
مەزكۇر قارار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 29-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن 33-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ماقۇللانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەر خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەمدى دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىڭتۇەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەت ئورگىنى بولۇپ، ئۇ بىڭتۇەننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مۇقىملىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن تەكلىپى سۇنۇش، بىڭتۇەندىكى مەمۇرىي، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدىكەن.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1954-يىلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى ۋە گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلىرىدىن قۇرۇلغان. ئۇ 1975-يىلى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى نورمال يۈرگۈزۈشىگە توسالغۇ بولغانلىقى» ئۈچۈن بىر مەزگىل تارقىتىۋېتىلگەن. ئۇ 1982-يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچقاچان قانۇن يۈرگۈزىدىغان بىر دەرىجىلىك مەمۇرى گەۋدە، دېگەن شتات بېرىلىپ باقمىغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى پەقەت 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇنىڭغا رەسمىي بىر دەرىجىلىك مەمۇرى گەۋدە شتات بەرگەن. بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەر، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئۇنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆز فونكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. خىتاي ئاخبارات خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بىڭتۇەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 11 دىن 15 كېچە كىشىدىن تەشكىل تاپىدىكەن. خەۋەردە، ئۇلارنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى تەيىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.