خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ سالغان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ بىر تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە قەشقەردىن پاكىستاندىكى گۇادار پورتىغىچە بولغان ئارىلىققا سوزۇلغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نۆۋەتتە بارغانسېرى خالتا كوچىغا ئايلىنىپ قالماقتا ئىكەن.
«ياخۇ خەۋەرلىرى» نىڭ 4-مارتتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئىقتىسادىي كارىدور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان نېفىت ئىمپورت يولىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆتىدىغان يەنە بىر كاپالىتى بولۇپ، بۇ «كارىدور» ئۈچۈن 62 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان ئىكەن. دەسلەپتە بۇ كارىدورنىڭ تاشيول، تۆمۈريول، تۇرۇبا يوللىرى، ئايرودروم قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسلىھەلەردىن تەركىب تاپقان غايەت زور قۇرۇلۇش بولىدىغانلىقى ھەققىدە دەبدەبىلىك باياناتلار ۋە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭ پەقەت ئازغىنە قىسمىدىن باشقىسىنىڭ تېخىچە قەغەز يۈزىدىكى لايىھە ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان مەبلەغ يېتىشمەسلىك، چىرىكلىك ۋە گۇادار پورتى جايلاشقان بالۇچى ئۆلكىسىدىكى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكى قاتارلىقلار بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە ئىزچىل ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تۆۋەنلەشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولغاچقا بۇنىڭغا باشقا تەرەپتىن جاۋابكار بولماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ يېقىنقى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ۋە ھازىر يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ بالايىئاپىتى خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ پاراكەندە قىلماقتا ئىكەن.
«ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك يېقىندىن بۇيان كېنىيە، مالايسىيا، سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن خىتاينىڭ نەچچە مىليارد دوللارلىق قۇرۇلۇش توختاملىرىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولۇپ، «قەرز قاپقىنى» مەسىلىسى بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن پاكىستاننى ھوشيارلىققا ئۈندىمەكتە ئىكەن. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «تۇتاش ئاسىيا» ئاقىللار مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى خىلمان بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مېنىڭچە، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى دېڭىزدا ئۆلۈپ قالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا نەگە بارالىشى بەكمۇ گۇمانلىق،» دېگەن.