پاكىستاندىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى يېڭىدىن «مىق» قا ئۈستى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور مەبلەغ سېلىشى بىلەن باشلانغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بولغان پاكىستاندىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش تەلىپى رەت قىلىنغانلىقتىن توختاپ قالدى.

«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلشىىچە، پاكىستاندىكى «1-غول لىنىيە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى» نۆۋەتتە زور داغدۇغا بىلەن داۋام قىلىۋاتقان «پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادىي كارىدورى» بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش ئىكەن. 2655 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى كاراچى بىلەن پىشاۋۇر رايونىنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي تەننەرقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 6. 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى دەپ باھالىغان. ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان كېلىشىمدە «بۇ مەبلەغنىڭ 10 پىرسەنتىنى پاكىستان چىقىرىدۇ، قالغان 90 پىرسەنتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستانغا قەرز بېرىدۇ» دەپ بېكىتىلگەن. توختامدا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2021-يىلى يانۋار ئېيىدا رەسمىي ئىش باشلايدىغانلىقى ئېيتىلغان.

نۆۋەتتە خىتايدىن ئېلىنىدىغان غايەت زور قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى توغرىسىدا پاكىستان ھۆكۈمىتى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ» دەپ چىڭ تۇرماقتا ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ئۆسۈم نىسبىتىنى «بەك تۆۋەن بولۇپ قالدى» دەپ قارىغانلىقتىن قەرز رەسمىيەتلىرى توختاپ قالغان. ۋارشاۋادىكى «ئۇرۇش تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى كرىزىستوۋ ئىۋانېك بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان مۇشۇ خىلدىكى ‹مەبلەغ سېلىش› ۋاسىتىسى بىلەن قوشنا دۆلەتلەرنى قەرز قاپقىنىغا دەسسىتىپ كەلگەن،» دېگەن. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە بىر قېتىمدا ئىككى يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ قەرز بەرمەسلىكنى قارار قىلغاچقا، پاكىستاننىڭ چەت ئەلدىن قەرز ئېلىش ئىمكانىيىتىمۇ چەكلىك بولماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، يەنە بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار بولسا «خىتاي مۇشۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق پاكىستاننى تېخىمۇ سىزغان سىزىقتىن چىقمايدىغان قىلىپ قويماقچى بولۇۋاتىدۇ،» دېيىشمەكتە ئىكەن.