ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىر قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» گە ئىمزا قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى بۇ قۇرۇلۇش پىلانى دەل خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى گۇمانلار كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇنى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئاسىياغا قويغان يەنە بىر تاللىشى دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
«ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئەمەلىي تۈرلىرى قاتناش-ترانسپورتنى ياخشىلاش، دىگىتال تېخنىكا ۋە ئېنېرگىيە يوللىرىنى ئېچىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزمىغان ۋە ئىشچىلار ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئاساستا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىدىن فېدېرىكا موگخېرنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ بىر قانچە ئايدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ پىلانغا ناھايىتى قىزىقىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە: «بىزنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىمىز يەرلىك خەلقلەرگە ئىش ئىمكانى يارىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇش پىلانىغا رەسمىي قول قويۇش مۇراسىمى كېلەر ئاي ئەمەلىيلىشىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ يولغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى قەرز بىلەن تەمىنلەش، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتمەكتىكەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەتلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئەلچىلىرى بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە خىتاي مەبلەغ سالغان پاكىستان ۋە سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاللىقاچان قەرز پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى، خىتاينىڭ تېلېفون، ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىلىرىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكى، خىتاي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە مەنپەئەت بەرمەسلىكىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر نۆۋەتتە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسىغا كىرگەن دۆلەتلەردە ئىككىلىنىش پەيدا قىلماقتىكەن. مالايسىيا بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئىكەن.