ئوتتۇرا ئامېرىكادىكى پاناما دۆلىتى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاناما پىرېزىدېنتى خوسې رائۇل مۇلىنو بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى دىپلوماتى ئارقىلىق بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بۇ قۇرۇلۇشتىن چېكىنىپ چىقىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇلىنو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «مەن خىتاي بىلەن بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغۇچىلارنىڭ مۇددىئاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بۇ كېلىشىم ئۆتكەن يىللار مابەينىدە پاناماغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ دۆلىتىمىزگە كەلتۈرگەن پايدىسى نېمىلەر بولدى؟ بۇنى بىلمەيمەن. شۇڭا بىز بۇ تۈرگە قاتناشمايمىز، بۇ مېنىڭ قارارىم.»
پاناما 2017-يىلى ئوتتۇرا ئامېرىكا رايونىدا تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ بۇ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەت بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ يەر شارىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش تەشەببۇسىنىڭ مەركىزى، دەپ قارالماقتا.
پانامانىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى (BRI) دىن چېكىنىپ چىقىش ھەققىدىكى قارارى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 7-فېۋرال جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكانى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ روھىي ھالىتىدە ھەرىكەت قىلدى، يەر شارى ئۇل ئەسلىھە پىلانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
باياناتچى لىن جيەن، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ پاناماغا قىلغان زىيارىتىنى تىلغا ئېلىپ، «ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزى خىتاينى ناھەق ئەيىبلەش، خىتاي بىلەن لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا قەستەن زىددىيەت پەيدا قىلىش، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، خىتاينىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلى خوڭكوڭغا جايلاشقان خۇچىسون پورتى (Hutchison Ports) ناملىق شىركەت، پاناما قانىلىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئىككى چىقىش ئېغىزىدىكى پورتلارنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئالدىنقى ھەپتە پانامانى زىيارەت قىلىپ، پاناما پىرېزىدېنتى خوسې رائۇل مۇلىنو بىلەن كۆرۈشكەندە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ‹پاناما ھۆكۈمىتىنىڭ پاناما قانىلىنىڭ توشۇش-ئۆتكۈزۈش كونتروللۇق ھوقۇقىنى خىتايغا بەرگەنلىكى بىر خاتالىق› دېگەنلىكىنى يەتكۈزگەن، شۇنداقلا بۇنىڭ «ئامېرىكا-پاناما شەرتنامىسى» گە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
پاناما پىرېزىدېنتى خوسې رائۇل مۇلىنو ئاخبارات يىغىنىدا، بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ھازىر خوڭكوڭدىكى «خۇچىسون پورتى شىركىتى» نىڭ پانامادىكى پائالىيەتلىرى ئۈستىدىن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بىرەر خاتالىق كۆرۈلگەن تەقدىردە كېلىشىمنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.