خىتاينىڭ بىر جاسۇس گۇماندارى بوستوندا قولغا ئېلىندى
2023.05.10
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلغان قارا قولى ۋە جاسۇسلۇق تورى، شۇنداقلا بۇنىڭغا ئىسپات سۈپىتىدە تۇتۇلغان خىتاي جاسۇس گۇماندارلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە.
«بوستون ئاۋانگارت گېزىتى» تورىنىڭ 9-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى بوستوندا ياشاۋاتقان بىر خىتاي كىشىنى جاسۇس گۇماندارى دەپ قولغا ئالغان.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىغاندا، بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن لياڭ لىتاڭ ئىسىملىك بۇ خىتاي، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە مەلۇم قىلمىغان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇۋالغان.
ئەيىبنامىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لياڭ لىتاڭ خىتاينىڭ نيۇ-يورك كونسۇلخانىسىدىكى بىر ياردەمچى ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نىشانغا ئالغان شەخسلەرنى چايغا تەكلىپ قىلغان، يەنى ئۇلارنى ئىزدەپ پاراڭلاشقان ۋە تەھدىت سالغان.
لياڭ لىتاڭ خىتاينىڭ نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بوستوندىكى ھەر تۈرلۈك تەشكىلات ۋە ئادەملەرنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەن؛ بوستوندا ياشاۋاتقان خىتاي ئۆكتىچىلىرى ۋە دېموكراتىيەگە مايىل كىشىلەرگە قارشى پائالىيەت تەشكىللىگەن ھەمدە ئۆكتىچىلەرنى توپلىغان پائالىيەتچىلەرنىڭ ئارخىپىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەمىنلەپ بەرگەن.
لىياڭ لىتاڭ 2019-يىل 9-ئايدا بوستون كۇتۇپخانىسىدا خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى ئوغرىلىقچە رەسىمگە تارتقان. ئۇ 2018-يىلدىن 2022-يىلغىچە بۇ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان؛ پائالىيەت دائىرىسى بارغانچە كېڭىيىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشكە باشلىغان. 2019-يىل 1-ئايدا ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، «خىتاينى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىتتىپاقى» قۇرغان ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.