برىتانىيە خەلقى تارىخىي خاراكتېرلىك قارار چىقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قوللىدى. پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇم خەلق راي سىناش ھەرىكىتىدە 52% ئادەم ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا، 48% ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشقا بىلەت تاشلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشنى قوللاپ كەلگەن ۋە بۇنى ئاۋازغا قويغان ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى دەيۋىد كامېرون جۈمە كۈنى ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئۇ، دوۋنىڭ كوچىسىدىكى 10- نومۇرلۇق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا: «برىتانىيە خەلقى ناھايىتى ئېنىق قارار بېرىپ باشقا يولدا مېڭىشنى تاللىدى. مېنىڭچە دۆلەت بۇ يولدا يېڭى رەھبەرگە ئېھتىياجلىق» دەپ كۆرسەتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى برىتانىيەنىڭ قارارىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى بىريۇسسېلدا جىددىي يىغىن چاقىرىپ برىتانىيەنىڭ قارارىنى مۇزاكىرە قىلغان.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى دونالد تۇسك، ياۋروپا كومىسسىيەسى پرېزىدېنتى جېن كلائۇد جۇنكېر ۋە ياۋروپا پارلامېنتى رەئىسى مارتېن شۇلىز قاتارلىقلار برىتانىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىش رەسمىيىتىنى «تېز ئارىدا پۈتتۈرۈشى» نى، بۇنىڭ «ناھايىتى مۇشەققەتلىك بىر جەريان» بولىدىغانلىقىنى ۋە «قايتا مۇزاكىرە» قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار برىتانىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىشىنى كېچىكتۈرۈش «ئورۇنسىز تەرەددۇتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.