ئامېرىكادا دەۋر ھالقىغان بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئەترىتى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.05.10

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كەتلىن ھېكس (Kathleen Hicks) خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئىلغار تېخنىكا ۋە يۇقىرى جەڭ ماھارىتىگە ئىگە، بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بىر قوشۇنى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كەتلىن ھېكىس 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ھەربىي تېخنىكا ۋە تاكتىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى، چۈنكى ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ بۇنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ھازىر ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت دەۋرىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھالبۇكى ئامېرىكاغا كېلىدىغان ئاساسلىق ھەربىي تەھدىت خىتايدىن كېلىدۇ».

كەتلىن ھېكىسنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھازىر رۇسىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تېررورلۇق قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ خىرىسىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىت ئەڭ زور، بالاسى ئاپىتى ئەڭ چوڭ بولۇپ، خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتى دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش.

كەتلېن ھېكىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچى ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كەلگەن ئەمەس، ھەم دائىم شۇ پېتى تۇرمايدۇ. ئۇنىڭ تېخنىكىسى، تاكتىكىسى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. خىتاي ئارمىيەسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن زامانىۋىلىشىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا كېيىنكى ئەۋلادلارنى ئويلىشىپ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈشى، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلىدىغان ھۇجۇمىنى توسالايدىغان ۋە ئۇلارنى يېڭەلەيدىغان كۈچلۈك بىر قوشۇن بەرپا قىلىشى كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.