ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش، خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش ۋە ئۆزلىرىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى كادىر» ئەمەسلىكى ھەققىدە ۋەدە بېرىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش دولقۇنى يۇقىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەشۋىقات ساھەسىدىكى 100 نەپەر رەھبىرىي كادىر «بىرلەشمە ۋەدىنامە» ئېلان قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى «بۆلگۈنچىلىك» كە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەشۋىقات ساھەسىدىكى 100 نەپەر كادىرنىڭ «بىرلەشمە ۋەدىنامە» سىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى بىر مەيدان ئىس-تۈتەكسىز، ھايات-ماماتلىق ۋە ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمىگۈچە سەپنى يىغىشقا بولمايدىغان مۇرەسسەسىز كۈرەشتۇر. بۇ كۈرەشنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتىدە بىز تەشۋىقات ساھەسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار شۇنداق قەسەم بېرىمىزكى، ئىدېئولوگىيە سېپىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، "مىللىي بۆلگۈنچىلىك" ۋە "دىنىي ئەسەبىيلىك" ئىدىيەلىرىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ۋە مەنبەسىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلايمىز».
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەشۋىقات ساھەسىدىكى 100 نەپەر كادىر «بىرلەشمە ۋەدىنامە» گە ئىمزا قويغاندىن باشقا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 10 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىر ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت ئابلەت، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئابلەت مەمەت، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى مۇختەر مەخسۇت، ئاخبارات-نەشرىيات ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۈلشەن تۇرغۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مۇئاۋىن سېكرېتارى غەيرەت ئاسىم، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غەيرەت ئابدۇرەھىم، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاشاگۈل سەدىردىن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئېلى توختى قاتارلىقلار ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇنى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم قاتتىق تازىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىماقتا.