بىرمادا خۇسۇسى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويۇلدى

بىرمادا دېموكرات ئىسلاھات باشلانغاندىن بۇيان، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئاخبارات چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

بۇنىڭ تۇنجى قەدىمى سۈپىتىدە خەۋەر-ماقالىلەرگە قارىتا، ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. بىرما بۇلتۇر 12-ئايدا ئېلان قىلغان يەنە بىر بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى يەنى بۈگۈندىن باشلاپ، خۇسۇسى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغىمۇ يول قويدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھازىرغا قەدەر 16 ئاخبارات ئورگىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىنىپ، بۇلاردىن 4 ئى بۈگۈن رەسمىي ئىش باشلىدى.

خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بىرما ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى مەزگىلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان بولۇپ، شۇ چاغدا بىرماچە، خىتايچە، ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللاردا ئاخباراتچىلىق يولغا قويۇلغان. 1964-يىلى بىرمادا بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان ئاخبارات چەكلىمىسى ئىجرا قىلىنغان. بۇ قېتىمقىسى ئەركىن ئاخباراتنىڭ بىرمادا 50 يىلدىن كېيىن قايتا باش كۆتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.