ئىتالىيە دىنىي ئەركىنلىك تورى، كاتولىك بىشوپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» ساياھىتىنى تەنقىد قىلغان
2024.09.09
بۇ يىل 8-ئايدا فۇجيەننىڭ كاتولىك دىنىي بىشوپى جەن سىلۇ(Zhan Silu) خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە فۇجيەن كاتولىك مۇرىتلىرىدىن «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغان. زىيارەتتە جەن سىلۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ زىيارەت «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» نى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيىتىنى كۆرۈشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى، زىيارەتتە جەن سىلۇنىڭ «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى»، بۇ رايوندىكى مىللەتلەر «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قانداشلىق بېغى بىلەن باغلانغان ئائىلە ئەزالىرى» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.
ھالبۇكى، ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورى 6-سېنتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ زىيارەت خىتايدىكى دۆلەت ئېتىراپ قىلىنغان بەش رەسمىي دىننىڭ دىنىي خادىملىرىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى» پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدەك «مۈشكۈل» رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا، قانداق تەشۋىقات ئاگېنتلىرىنىڭ رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى جەن سىلۇنى فۇجيەندىكى كاتولىك چېركاۋىنىڭ بىشوپلىقىغا تەيىنلىگەندە ۋاتىكان ئۇزۇن مەزگىل جەن سىلۇنى كاتولىك دۇنياسىدىن قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى ئىپادىسى ئۇنىڭ «سىياسىي خاھىشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى» نى كۆرسەتكەن.
خىتايدىكى كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ بىشوپلىرىنى تەيىنلەش مەسىلىسى ۋاتىكان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بىشوپلارنى تەيىنلەشنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دېگەندە چىڭ تۇرسا، ۋاتىكان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ئىزباسارىنى بېكىتىش ھوقۇقىنىڭ ۋاتىكاندا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ كەلگەن. «زىمىستان» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاتىكان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000-يىلى جەن سىلۇنى كاتولىك بىشوپلىقىغا تەيىنلىشىنى ئەينى ۋاقىتتا ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ 2018-يىلى ھاسىل قىلغان كېلىشىمىدىن كېيىن، رىم پاپاسى فرانشىس جەن سىلۇنىڭ بىشوپلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما بۇ بىشوپ جەن سىلۇنىڭ «سىياسىي خاھىشىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.»