ئونسۇ ناھىيەسى بىسلىق سايمانلارغا كىملىك نومۇرى ئويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرى لوڭچۋەن ئاھالىلەر كومىتېتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان پىچاق تۈرىدىكى بارلىق تىغلىق سايمانلارغا ئىگىسىنىڭ كىملىك نومۇرىنى ئويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بوشۈن تورى ئارقىلىق ئاشكارا بولغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «تىغلىق سايمانلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن بازاردىكى تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىگىسىنىڭ كىملىك نومۇرى ئويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاھالىلەردىن تۆۋەندىكىلەر تەلەپ قىلىنىدۇ: بىرىنچى، بارلىق تىغلىق سايمانلارنىڭ سانى ئېلىنىشى ۋە ئۇلارغا ئىگىسىنىڭ ئىسمى ئويۇلۇشى، بۇنىڭدىن ھەرقانداق ئائىلە باش تارتماسلىقى، ھەتتا بىر تال تىغلىق سايمانمۇ چۈشۈپ قالماسلىقى لازىم. ئىككىنچى، قىڭراق، قەلەمتىراچ، قوي-كالا بوغۇزلايدىغان پىچاق، پالتا، كەركە، كەسكۈچى ۋە چانىغۇچى ئەسۋابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تىغلىق سايمانلار بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئىگىلىرىنىڭ كىملىك نومۇرى ئويۇلۇشى، بۇنىڭغا كېتىدىغان 3 سوم ھەقنى ئىگىسى تۆلىشى لازىم. ئۈچىنچى، ئويۇش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تىغلىق سايمانلىرىغا كىملىك نومۇرىنى ئويدۇرمىغانلار، ساقچىخانىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىلىدۇ.»

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «مۇقىملىق» نى ساقلاش ۋە «ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان بىر قاتار كۈلكىلىك بەلگىلىمىلىرى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاسساپلارنىڭ پىچاقلىرىغا زەنجىر بېكىتىش بەلگىلىمىسىدىن كېيىن چىقارغان يەنە بىر قېتىملىق تىغلىق سايمانلارنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى ئىكەن.