بىتكوين ساھەسىدىكى «ئ‍ۇيغۇر ئامىلى» داۋاملىق دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.05.31

يەر شارى رەقەملىك پۇل ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بىتكوين (Bitcoin) يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاشقا باشلىدى.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە يېقىندا رەقەملىك پۇل مۇئامىلە سودىسىنى مەنئى قىلغان بولسىمۇ، ھازىرقى مەۋجۇت بىتكوينلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان مىقداردىكى بىتكويىننىڭ خىتايدا قېزىلىشىغا قارىتا ھېچقانداق تەدبىر ئالمىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ بىتكويىنلار ئۇيغۇر دىيارىدا قېزىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ قېزىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان غايەت زور كومپيۇتېر تورىغا كېرەكلىك تولىمۇ ئەرزان باھالىق ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىگە كۆپلىگەن گۇمانلار يوشۇرۇنغان ئىكەن. يەنە كېلىپ ھەر ساھە كىشىلىرى نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان بۇ رايوندىكى ئەرزان باھالىق بۇ ئېنېرگىيەنىڭ پۈتۈنلەي كۆمۈر كۆيدۈرۈشتىن ھاسىل بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ كۆمۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا قانچىلىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىگە بىر نەرسە دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆمۈر قېزىلىشىدىكى مەھسۇلات سۈرئىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ھەسسىلەپ ئېشىپ ماڭغان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىشى ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان كۆكتاشلارنى قېزىشنىڭ سۈرئىتى بىلەن ماس قەدەمدە كۆپىيىپ ماڭغان. يەنە كېلىپ بۇ ھال لاگېرلارنىڭ كېڭىيىشى بىلەنمۇ ئوڭ تاناسىپ چىقىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ ساھە بىتكوين ھەققىدە سەلبىي يۆنۈلۈشكە قاراپ سىلجىماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە «تېسلا» شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئېلان ماسكمۇ بىتكوين ھەققىدە سۆز قىلىپ «بۇنىڭ قېزىلىشىغا لازىملىق ئېنېرگىيە ئۈچۈن كۆپ مىقداردا كۆمۈر كۆيدۈرىلىدىغانلىقى ھەمدە مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغانلىقى ئۈچۈن بىتكويىننى ھازىرچە›تېسلا‹سودىسىغا ئىشلەتمەيمىز» دېگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.