خىتايدىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ سانى 2020-يىلىغا بارغاندا 626 مىليونغا يەتكۈزۈلىدىكەن

خىتايدىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ سانى 2020-يىلىغا بارغاندا 626 مىليونغا يەتكۈزۈلىدىكەن. ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى چىراي تونۇش ۋە سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كامېرالارنىڭ سانى 2020-يىلىغىچە، ھازىرقى 176 مىليوندىن 626 مىليونغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جون سودۋورد خىتاينىڭ گۈيياڭ شەھىرىدە بۇ كامېرالارنىڭ چىراي تونۇش ئىقتىدارىنى ئۆزى بىۋاسىتە سىناق قىلىپ باققان. ئۇنىڭ شۇ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلغان سىنىقىدا ئۇنىڭ يۈزى «گۇمانلىق» دەپ بېكىتىلىپ، سىگنال بەرگەن. ساقچىلارنىڭ بۇ چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە كامېرالارنى ئىشقا سېلىپ 3 يېرىم مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ شەھەردىن ئۇنى تېپىپ چىقىشىغا ئاران 7 مىنۇتلا ۋاقىت كەتكەن.

ب ب س نىڭ بۇ ۋىدىيولۇق خەۋىرى تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. بىراق ب ب س نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن پايدىلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى خىتاي پۇقرالىرى ھەممە يەرگە ئورنىتىلغان بۇ كامېرالارنىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى، خۇددى داۋاملىق ئۆزىگە قادىلىپ تۇرغان بىر كۆز باردەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ بۇنداق بىخەتەرلىك كامېرالىرى ئەڭ بالدۇر سىناق قىلىنغان جاي بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىب ۋە نازارەت قىلىش تېخنىكىلىرىنى سىناق قىلىدىغان تەجرىبىخانىسى،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ئورگاننىڭ ئېنىقلاشلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى سۈزۈكلۈككە ئىگە كامېرالار ۋە كۆرۈنۈشلەرنى ئورتاقلىشىش سۇپىسى، ئاۋاز ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش ۋە كۆز قارىچۇقى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش سىستېمىلىرىنى ئورنىتىشتا ھەمكارلاشقانلىقى مەلۇم بولغان.