ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن 6-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى، ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئېكران ئارقىلىق كۆرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۆرۈشۈش بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق بلىنكېننىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبلىك 6-ئىيۇلغا كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بلىنكېننىڭ كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى توغرىسىدا تېخىچە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ باقمىدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس بۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ، بلىنكېننىڭ لاگېر شاھىتلىرى، ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇندىكى پائالىيەتچىلەردىن بولۇپ 7 دەك كىشى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ توغرىسىدا كېيىنرەك مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
نېد پرايس بۇ كۆرۈشۈشنىڭ بلىنكېننىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پوزىيسىيەسىنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان شەخسلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە بۇ يىغىندا پائالىيەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنى تەكلىپ-پىكىرلەر بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.