ئانتونى بىلىنكىن «يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى» دە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى بىناسىدا ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلار بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

ئانتونى بىلىنكىن بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ مۇنداق دېگەن: «سۆز ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنغان جايدىلا جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ. بۈگۈن بۇ ‹چەت ئەللىك مۇخبىرلار مەركىزى›دە مۇخبىرلار ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتى بولغىنىغا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان مۇھىم خىزمەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن».

ئانتونى بىلىنكىن بۇ سۆھبەتتە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇنداق سۆھبەتنى ‹چەت ئەللىك مۇخبىرلار مەركىزى› دە ئۆتكۈزۈش تولىمۇ مۇۋاپىق. ئامېرىكا سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ ساغلام دېموكراتىيەنىڭ ئاساسى».

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن بۇ يىغىنغا قاتناشقان گۈلچېھرە خوجا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئانتونى بىلىنكىنمۇ ئۇيغۇر مۇخبىرلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.