ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52 –نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.
ئۇ 2- مارت كۈنى ئېلان قىلغان بۇ مەخسۇس باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتىمىز. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن ئېغىر زۇلۇملىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇلارنى ئەركىنلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا تۇتقۇنلارنىڭ قىيىن – قىستاق، جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى بۇلتۇر تارقاتقان دوكلاتتا ئىشەنچلىك پاكىتلار بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئىدى.»
ئانتوني بىلىنكىن، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى، جۈملىدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى باستۇرۇشى قاتارلىق ۋەقەلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنى ئورۇنلاشنىڭ تەخىرسىز ھالغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇنى «خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك، تەرەققىيات ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ئۈچۈن زۆرۈر» دەپ كۆرسەتكەن.
ئانتونىي بلىنكىن، ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترەس، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاكلاۋ بالەك قاتارلىقلارغا خىتابەن قىلغان سۆزىدە، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى بۇندىن 75 يىل ئاۋۋال تۈزۈلۈپ جاكارلانغاندا، ئۇنىڭ ھەرخىل دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە تەۋە مۇتەخەسسىلەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىش ۋە ئىنچىكلىك بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىش ئاساسىدا يولغا قويۇلغانلىقىنى، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەشنىڭ ھەرگىزمۇ مەلۇم دۆلەت ياكى ئىدېئولوگىيەگە تەۋە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ۋە ب د ت غا ئەزا ھەر بىر دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر» دېگەن.