بىلىنكېن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ «ئىشەنچىلىك شېرىك» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلا رمىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن بۇ ھەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە ۋە خىتايدىن پەرقلىنىدىغان «ئىشەنچىلىك شېرىك» ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدىكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلەردىكى تەسىرى ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا چەك قويسىمۇ، لېكىن بىلىنكېن ئ‍امېرىكانىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئالاقىدە بولۇشىنىڭ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن تەۋرىنىپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەسەللىي بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بىلىنكېننىڭ زىيارىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى، شۇنداقلا تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بىلىنكېن 28-فېۋرال كۈنى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئارقىدىن قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تەڭ كۆرۈشىدىكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دىپلوماتى دونالد لۇ «ئامېرىكا بۇ بەش دۆلەتنىڭ رۇسىيە ياكى ئ‍ۇلارنىڭ باشقا چوڭ قوشنىسى بولغان خىتاي بىلەن ئۆزلىرىنى كۈچەيتىدىغان مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئەمەلىيەتچى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن زىيارەتتە بىلىنكېن ئامېرىكانىڭ «ئ‍ىشەنچىلىك شېرىك» ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەگە ئ‍وخشىمايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دونالد لۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەمىنلىيەلەيدىغان نەرسىلىرىمىز بولۇپلا قالماي، قىممەت ئۆلچىمى جەھەتتىنمۇ ئوتتۇرىغا قويالايدىغان نەرسىلىرىمىز.»

بۇ بىلىنكېننىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇشى. ئۆتكەن قېتىم 2020-يىلى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى چىقىشقا ئۈندىگەن.