ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى 28-فېۋرال كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى سۈپىتىدە قازاقىستانغا كەلگەن. ئۇ قازاقىستان رەھبەرلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ھەمدە ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئانتونى بىلىنكېن شۇ كۈنى قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلەۋبەردى ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېف بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن. بىلىنكېن ئەپەندى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى، جۈملىدىن ئىگىلىك ھوقۇق، مۇستەقىللىق ۋە زېمىن بىرلىكى مەسىلىسىدە قازاقىستاننى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ رايون بىلەن باغلىنىشلىق بولغان سودا ۋە ئېكسپورت ئىشلىرىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇغۇرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا بىر يىل بولغان بۇ كۈندە بىز ئۇلارنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى ئەركىن ھالدا تاللىشى ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىلىنكېن ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ھال ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رۇسىيە قوزغىغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ھەمدەمدە بولمىغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئەيىبلەش تېمىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىشتە ئۇلار بىردەك ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.