بىلىنكېن ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان ئەندىشىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان ئەندىشىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋاڭ يى 26- ۋە 27-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە «چوڭقۇر قاتلاملىق» مۇنازىرە ئېلىپ بارغانىدى.

ئامېرىكا تاشقى ‍ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بلىنكېن سۆھبەتتە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن».

باياناتتا ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە 7 سائەتتىن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنلىرىنىڭ ئاساسىدا «‍ئىجابىي ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مۇزاكىرىلەر» نى ئېلىپ بارغانلىقى، بۇنىڭ بىر قاتار مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەت ئالاقە قاناللىرىنى ئوچۇق تۇتۇش، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بلىنكېن ئامېرىكانىڭ ئىزچىل دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكا مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، خەلقلىرىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان. بىلىنكېننىڭ خىتايدا تۇتۇپ قېلىنغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ مەسىلىسى، فەنتانىل كرىزىسىنى كونترول، خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا تۇتقان ئادالەتسىز مۇئامىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بىلىنكېن يەنە خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە، شۇ خۇسۇستا ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشى، توقۇنۇشنى كونترول قىلىش، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «خەتەرلىك ۋە قانۇنسىز» ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باياناتتا يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئوقۇغۇچى، تەتقىقاتچى ۋە سودا-سانائەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىشىنى كۆپەيتىشنى سۆزلىشىشنى قارشى ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن.