بىلىنكېن بايدېننىڭ شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دېيىشتە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېننىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دېيىشتە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئۆتكەن ھەپتە بىر ئىئانە توپلاش يىغىلىشىدا نۇتۇق سۆزلەپ، شى جىنپىڭنىڭ «دىكتاتور» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بايدېننىڭ بۇ سۆزنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىدە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا قىلىشى، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بىلىنكېن خىتاي زىيارىتىدە شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋا شارى، تەيۋەنگە قوراللىق تەھدىت سېلىشى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئاستىرتىن رۇسىيەنى قوللىشى، تېخنولوگىيە، سودا، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق سەۋەبلەردىن جىددىيلىشىپ كەتكەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدېننىڭ سۆزىگە قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «خىتاينىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى» ، «ئامېرىكانىڭ سۆزى ئىنتايىن بىمەنە ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن بىلىنكېن 25-ئىيۇن ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى CBS نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا پرېزىدېنت بايدېننىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «پرېزىدېنت ھەمىشە سەمىمىي سۆزلەيدۇ، ئۇ سۆزنى ئۇدۇللا قىلىدۇ ھەم ئېنىق سۆزلەيدۇ. ئۇ ھەممىمىزگە ۋاكالىتەن سۆزلەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

بىلىنكېن يەنە ئۆزىنىڭ بۇ سەپىرىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا خۇددى ئۇلار ئامېرىكا ياقتۇرمايدىغان سۆز ۋە ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنگە ئ‍وخشاش ئامېرىكانىڭمۇ خىتاي ياقتۇرمايدىغان سۆز ۋە ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. «ياۋرو-ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىك كەسكىنلەشكەن بىر پەيتتە ئامېرىكىنىڭ «رونالد رېگان» ناملىق يادرو ئاۋىئاماتكىسى 25-ئىيۇن ۋىيېتنامنىڭ داناڭ پورتىغا كېلىپ توختىغان. رونالد رېگان ئاۋىئاماتكىسى 30-ئىيۇنغا قەدەر داناڭ پورتىدا زىيارەتتە بولىدىكەن.