ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي سەپىرى ھارپىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى خىتاي سەپىرىگە ئاتلىنىش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقاندا بىر قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئارزۇلىرىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فېۋرال ئېيىنىڭ بېشىدا بېيجىڭغا بېرىشنى پىلان قىلىۋاتقان ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن نېمىلەرنى دېيىشىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولسىمۇ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىكى مەركىزىي تېما بولۇشى تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزىلەر بۇنىڭدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ھەققىدە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بىر قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىلىرىدە قامىلىپ تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرى ياكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى توپلاپ چىققان بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئانتونى بىلىنكېنگە «بېيجىڭغا بارغاندا مۇشۇ ئىسىملارنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىش» تەلىپىنى يوللىغان. بۇ خىلدىكى كىشىلەردىن كاسېرىنا سۋىدان (Katherine Swidan) ئون يىلدىن بۇيان بىگۇناھ ھالدا خىتاي تۈرمىسىدە قاماقلىق تۇرۇۋاتقان ئوغلى مارك (Mark) نىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىشنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماركنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم قىلىشنى سورىغان. ئۇ، بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مېنىڭ بىلىنكېن ئەپەندىگە دەيدىغىنىم شۇكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭ. ئۇلار ئامېرىكا پۇقراسى. ئۇلار بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغان» دېگەن.

بۇ خىلدىكى بىر تۈركۈم ئامېرىكا پۇقرالىرى خىتاي تەرىپىدىن زەھەر سېتىش، جاسۇسلۇق قىلىش دېگەندەك بىر قاتار جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىىپ تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى كۆپ قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرىغا نامەلۇم بولۇپ كەلگەن.