ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان 10 دىن ئارتۇق كېڭەش پالاتا ئەزاسى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بىلەن مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېلىنغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدە خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق، سودا ۋە خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى تاجاۋۇزچىلىق خاھىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. 14 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى خېتىدە، ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، سودا، ئىزچىل كۈچىيىۋاتقان رايون ۋە دۇنيادىكى تاجاۋۇزچىلىق خاھىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇ خەت بلىنكېن 3-فېۋرال ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشتىن 3 كۈن بۇرۇن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ماركۇ رۇبىيو، چاك گراسلېي، ئېرىك شمىت، لىنزېي گراھام، رىك سكوت قاتارلىق 14 كىشى ئىمزا قويغان.
كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خېتىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى «ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى» ئىكەنلىكى، ترامپ ۋە بايدېن ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارارتقان ھەركىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلار خېتىدە مۇنداق دېگەن: «سىز چوقۇم ئامېرىكانىڭ گۆرۈگە ئېلىشنى سۆھبەت كوزېرى قىلىپ ئىشلىتىدىغان بىر ھاكىمىيەت بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىشىڭىز كېرەك.»
كېڭەش پالاتا ئەزالىرى يەنە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادالەتسىز سودا پائالىيىتى ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزۈپ كەلگەن سانائەت جاسۇسلىقىغا قارشى تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بلىنكېن بىلەن يېلىنغا بۇ خەتنى ئەۋەتىپ 3 كۈندىن كېيىن، بلىنكېن خىتاي زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بكلىنكېننىڭ زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە خىتاينىڭ بىر جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلىقىدا پەيدا بولۇشى سەۋەب بولغان ئىكەن.