ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ بۇ يىل 2-ئايدىن بېرى كېچىكتۈرۈلۈپ كەلگەن خىتاي زىيارىتىنىڭ كېلەر ھەپتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. «پولىتىكو» گېزىتىنىڭ 8-ئىيۇن كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بىلىنكېننىڭ پىلانىدىن خەۋەردار زاتلاردىن ئىككى كىشى بىلىكېننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كېلەر ھەپتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتى ئۆتكەن قېتىم بىر خىتاي جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن. بۇ قېتىم ئۇنىڭ زىيارىتى خىتاينىڭ كۇبا بىلەن كۇبادا بىر ئېلېكترونلۇق جاسۇسلۇق بازىسى قۇرۇشنى پۈتۈشكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر ئامېرىكادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.
ئاقساراي بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ كۇباغا ئېلېكترونلۇق جاسۇسلۇق بازىسى قۇرۇدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن «ۋول سچېرېت ژۇرنىلى» گېزىتى بىلەن س ن ن بېيجىڭنىڭ كۇبادا ئېلېكترونلۇق جاسۇسلۇق بازىسى قۇرۇش ئۈچۈن ھاۋاناغا «بىر قانچە مىليارد» دوللار نەق پۇل تۆلەشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى داۋاملىق بۇ زىيارەتنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ زىيارەت ئەمەلگە ئاشسا بۇ سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئونىڭ 2018-يىلى ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتىدىن بۇيانقى ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي زىيارىتى بولىدىكەن. بىلىنكېن بۇ يىل 2-ئايدا خىتاي زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغان. ئەمما بۇ كۆرۈشۈشنىڭ مەزمۇنى ئاشكارىلانمىغانىدى.
«پولىتىكو» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلار، نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىلىنكېننىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ ئارقىسىدىن خىتايغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى بىلىنكېننىڭ «ئېلان قىلىدىغان زىيارەت پىلانى يوقلۇقى» نى بىلدۈرگەنىدى.