ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن 2 كۈن بۇرۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 2023 يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىقنى تىزگىنلەشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
رويتېرىس ئاگېنتلىقى (Reuters) نىڭ 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئىشلىرى مىنىستىر ئانتونىي بىلىنكېن بۇ ھەپتە خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلىنكېن مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ۋە باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي ئازسانلىق مىللەت ئەزالىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئېلىپ بارماقتا».
دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىق تەپسىلاتلار ۋە خىتاينىڭ كەڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان باشقا خورلاشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
بىلىنكېن 2021-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى قارارىنى قوللىغان ۋە ئۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 24-ئاپرېلدىن 26-ئاپرېلغىچە خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن. ئۇ شاڭخەي ۋە بېيجىڭدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى كىرىزىس، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق بىر قاتار رايون خاراكتېرلىك ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.