ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغانىدى. 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە رەسمىي ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا، ئانتونى بىلىنكېننىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە بېيجىڭ ۋە لوندوندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئانتونى بىلىنكېن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقى ۋە بۇ مۇناسىۋەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. ئانتونى بىلىنكېن يەنە ئىككى دۆلەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى، دۇنياۋى ھەم رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى، شۇنداقلا دۆلەت ھالقىغان خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنىڭ قانداق ئىمكانىيەتلىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 14-ئىيۇن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئانتونى بىلىنكېن خىتايغا بارماي تۇرۇپلا، خىتاينىڭ جىددىي تەلەپلىرىگە دۇچ كەلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىر كۈن ئاۋۋال ئانتونى بىلىنكىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ئامېرىكادىن «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىش» نى تەلەپ قىلغان. چىن گاڭ يەنە ئامېرىكانى خىتاي ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتايغا ھۆرمەت قىلىشقا، بۇ مەسىلىنى دەپ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرماسلىققا چاقىرغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئانتونى بىلىنكېن خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق «خاتا ھۆكۈم قىلىش ۋە توقۇنۇش» تىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ يىل 2-ئايدا ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتىنى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارى ۋەقەسى تۈپەيلىدىن بىكار قىلىۋەتكەنىدى. ئانتونى بىلىنكېننىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىكى خىتاي زىيارىتى ھەققىدە خىتاي تەرەپ تېخى ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.