ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 20-ماي كۈنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، داڭلىق گېرمانىيە ئاپتوموبىلى BMW نىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا يەنە جاگۇۋار لاندى روۋېر (Jaguar Land Rover) ۋە ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) ئاپتوموبىللىرىنىڭمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ چەكلەنگەن مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردىن زاپچاس سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر كومىتېتى بىر يىلدەك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشى بارلىقىغا ئائىت بۇ خۇلاسىنى چىقارغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رون ۋايدېن 2023-يىلى 3-ئايدا، ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسىگە دائىر تەكشۈرۈشىنى باشلىغانىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ 20-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، BMW ئىشلەپچىقارغان ۋە ئىمپورت قىلغان ئاپتوموبىللارغا «مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى قىياس قىلىش مۇمكىنلىكى» بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە جاگۇۋار لاندى روۋېرنىڭ زاپچاسلىرىدىمۇ بۇ خىل مەسىلە مەۋجۇت ئىكەن.
دوكلاتتا يەنە ئوخشاش ئەھۋالنىڭ ۋولكىسۋاگېن ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللاردىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا سېتىۋاتقان ئاپتوموبىللىرىغا بۇ خىل زاپچاسلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان «ئىشلەپچىقىرىش سودا ئالاقىسى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن. ۋولكىسۋاگېن يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا شېرىك بولماسلىق ھەققىدىكى قاتتىق بېسىمغا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ بۇ دوكلاتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان سودىسىغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ۋولكىسۋاگېن ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقىنى رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا ئۇنىڭ تۇرپاندىكى ئاپتوموبىل مەشىق مەيدانى قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.