خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينى پارىخورلۇق، ھوقۇقىنى سۈيئىستىمال قىلىش، چىرىكلىك جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما سوتنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋاقىت بېرىلمىدى.
خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ۋېيبو تورىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنغان، ئەمما قىزىقارلىقى، مۇلاھىزىلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى قارارىغا مەدھىيە ئوقۇلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئادەتتە بو شىلەي ۋەقەسىدىكى مەزمۇنلار ۋە باشقا سەزگۈر مەزمۇنلار قاتتىق سۈزۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋېيبو تورىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر بىلەن توشۇپ كېتىشى بىنورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇلاھىزىلەرنىڭ ھەممىسى بو شىلەي قاتتىق ئەيىبلىنىدىغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى ماختايدىغان مۇلاھىزىلەر بولۇشى، بۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل بېرىپ، مەخسۇس ۋېيبو مۇنازىرە تور بېتىدە ئۆزى ئۈچۈن گەپ قىلغىلى سالىدىغان ساختا مۇنازىرىچىلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بو شىلەيگە بۇ قېتىم بېكىتىلگەن جىنايەت سانى دەسلەپ تىلغا ئېلىنغان جىنايەتتىن ئازلاپ كەتكەن ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ پارىخورلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پۇلنىڭ مىقدارىمۇ ئازلاپ كەتكەن.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، بو شىلەي ۋەقەسى خىتاي كومپارتىيىسى يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئىچكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بۇ ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا قاتتىق سىناققا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.