چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ داۋاسى پەيشەنبە كۈنى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى سوت ئەھۋالىنىڭ ۋىدىئو كۆرۈنۈشىنى خىتايدىكى ۋېيبو تورىدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇ جەھەتتە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قەدەم تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر سوتنىڭ ھەقىقىيلىكىدىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىقىدىن يەنىلا گۇمان قىلماقتا.
رويېترس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋېيبو تورىدا ئىنكاس يازغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بو شىلەي سوتىنىڭ پەقەتلا بىر تىياتىر ئويۇنى ئىكەنلىكىنى، بو شىلەي دېلوسىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئىچكى جەھەتتىن كېڭەش بىلەن ھەل قىلىنىپ بولغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشقان.
ئامېرىكىدىكى بروكىڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىلى چېڭ رويتېرسقا قىلغان سۆزىدە، بو شىلەي دېلوسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «4 كىشىلىك گۇرۇھ» نى يوقاتقاندىن كېيىن يولۇققان ئەڭ قېيىن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكۇلاس بىكۇلىن بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتايدا ھېچكىم بو شىلەينىڭ ئادىل سوتلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. بۇ، پۇقرالارنى خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. بۇ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئوينالغان بىر سىياسىي سەھنە ئويۇنى خالاس» دېگەن.