شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى سابىق چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى، كومپارتىيە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەينىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ساقلاپ قالدى.
بو شىلەي بۇ يىل 9-ئايدا ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، خىيانەتچىلىك قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن سوتلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
لېكىن، بو شىلەي ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان ئىدى. يۇقىرى سوت، بو شىلەينىڭ قىلمىشى «ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن» لىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان.
ئۆتكەن يىلى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي سودىگەر نېيل خەيۋۇدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان.
گۇ كەيلەينىڭ سىرىنى چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈن چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىپ دۇنياغا پاش قىلغان. ئۇ، بو شىلەينىڭ گۇ كەيلەينى قانات ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سابىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتوننىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ۋاڭ لىجۈن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىپ پاناھلىق سورىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ساقچى ئەمەلدارى بولغانلىقى سەۋەبلىك رەت قىلىنغان.