ئالدىنقى نۆۋەتلىك خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە «شەرق ئالتۇن كەمىرى»گە ئېرىشكەن زۇلپىقار مۇھەممەت ئېلىنىڭ 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا دەرىجىلىك خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىگە جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
خىتاينىڭ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇلتۇر شاڭخەيدىكى «شىڭلى شىجيا» تەنتەربىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ، كەسپىي بوكس ھاياتىنى باشلىغان ئۇيغۇر بوكسچى زۇلپىقار مۇھەممەت ئېلى 25-نويابىر ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا دەرىجىلىك بوكس مۇسابىقىسىدە ھىندىستاننىڭ 1-نومۇرلۇق بوكس ماھىرى ۋېيېندېر سىڭ بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، زۇلپىقار 1994-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن زۇلپىقار بىرقانچە قېتىملىق خەلقئارا بوكس مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان. زۇلپىقار خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىدە تانزانىيە ماھىرى توماس ماشالىنى يېڭىپ «شەرق ئالتۇن كەمىرى» گە ئېرىشكەن. ھىندىستاننىڭ بوكس ماھىرى ۋېيېندېر سىڭمۇ خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىنىڭ «تىنچ ئوكيان ئالتۇن كەمىرى» گە ئېرىشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە خەلقئارا بوكسچىلار رەت تەرتىپىدە 58-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن. 2009-يىلى خەلقئارا بوكس تەشكىلاتى (AIBA) تەرىپىدىن 75 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدىكى يىللىق كاتتا تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالانغان.