خىتاي ئارخېئولوگلىرى بورتالادىكى قەدىمىي خارابىلىكنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشقا باشلىغان

خىتاي ئارخېئولوگلىرى بورتالا شەھىرىنىڭ دالات بازىرىدىكى قەدىمىي خارابىلىقىنى قېزىشقا باشلىغان.

خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېزىشنىڭ مەقسىتى بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن قۇرۇلغان بۇ قەدىمىي خارابىلىكنىڭ خىتاينىڭ سۇڭ ياكى موڭغۇللار قۇرغان يۈەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاشكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان ئارخېئولوگىيە خىزمەت يىغىنىدا پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ نىشانى شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە قارىتىلىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىراق بەزى تارىخچىلار، ئۇنىڭ سۆزىنى «ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىگە خىلاپ» دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالات بازىرىدىكى خارابىلىقنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش 2 ئاي داۋاملىشىدىكەن. مەزكۇر خارابىلىك 1985‏-يىلى بايقالغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتى مەزكۇر خارابىلىكتىن كۈمۈش تەڭگە تېپىۋالغانلىقىنى، 1991-يىلى مەزكۇر خارابىلىكتىن يەنە ئۆز ۋاقتىدا قۇيۇلغان ئېغىرلىقى 120 كىلوگراملىق تۆمۈر پارچىسى بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ئارخېئولوگلار مەزكۇر خارابىلىكنىڭ سۇڭ ياكى يۈەن دەۋرىدە سېلىنغان «دالت» شەھىرى ئىكەنلىكىنى، دالتنىڭ يېقىنقى زامان كىتابلىرىدا «بولات» دەپ خاتىرىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بولات» سۆزىنىڭ پارىسچىدىكى مەنىسى تۆمۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق بەزى ئۇيغۇر ئارخېئولوگلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە «پولات»نىڭ ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى ئوخشاشلا تۆمۈر بولۇپ، تۆمۈرنى ئالتاي‏-جۇڭغار ۋادىسىدىكى تۈركلەر ئەڭ بۇرۇن قوللانغان. ئۇيغۇر ئارخېئولوگلار، خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ بۇ خارابىلىقنى پارىسلارغا باغلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.