بۆ شىلەي، جوۋ يوڭكاڭ قاتارلىقلارنىڭ «ھوقۇق تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستى» دە بولغانلىقى ئەيىبلەندى

خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىكى دائىرىلىرى تۇنجى قېتىم رەسمىي تۈردە بۆ شىلەي ۋە جوۋ يوڭكاڭ قاتارلىقلارنى «سۇيىقەست قوللىنىپ، پارتىيىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالماقچى بولغان» دېگەن سۆز بىلەن ئەيىبلىدى. بۇ سۆزنى 19-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەتلىك ئاكسىيە نازارەت ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ شىيۈ ئېيتقان.

19-قۇرۇلتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆز قىلغان ليۇ شىيۈ كومپارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان سابىق مەركىزى كومىتېت ئەزالىرى بۆ شىلەي ۋە جوۋ يوڭكاڭ ھەمدە لىڭ جىىخۇا، شۇ سەيخو، گۇ بوشۇڭ ۋە سۇڭ جېڭسەي قاتارلىق ئالىي ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ «پارتىيىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش سۇيىقەستى» دە بولغانلىقىنى شەرھىلىگەن. ۋەھالەنكى، 19-قۇرۇلتايغىچە بولغان ئارىلىقتا بۆ شىلەي، جوۋ يوڭكاڭ، شۇ سەيخو، گو بوشوڭ ۋە باشقا شەخسلەر پۈتۈنلەي پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى كومپارتىيەنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتىدە بولغانلىقى يوشۇرۇپ كېلىنگەن ۋە تىلغان ئېلىنمىغان.

رادىئويىمىزنىڭ خەۋەر ئانالىزىدا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ، خىتاي تارىخىدا 1976-يىلى، ئاتالمىش «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تارمار قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كومپارتىيە رەھبەرلىكى قاتلىمىدىكى جازالانغانلارنى «پارتىيە ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش سۇيىقەستى» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئىلگىرى كۆزەتكۈچىلەر ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى بۆ شىلەي، جوۋ يوڭكاڭ قاتارلىقلارنىڭ نوقۇل چىرىكلىك مەسىلىسى بىلەن جازالانمىغانلىقى، بەلكى بۇ دېلونىڭ شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئۆز سىياسىي رەقىبلىرىنى تارمار قىلىشى ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك خىتاي ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىدا ھوقۇق كۈرىشىنىڭ ئۆتكۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان ئىدى.