دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پايتەختى سارايېۋودا ئاچقان 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يېقىندا غەلىبىلىك ئاياغلاشقانىدى.
«بالقان كۆز قارىشى» ناملىق خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى توسۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سارايېۋودىكى باش ئەلچىخانىسى ئەمدىلىكتە تەشۋىقات ھەرىكىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.
بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان خىتاينىڭ سارايېۋودىكى باش ئەلچىخانىسى توختىماي ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي تاراتقۇلىرىدا ياكى خىتايغا يانداش دۆلەتلەرنىڭ ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ۋە ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا ئەپ بېرىلىۋاتقان بۇ تەشۋىقاتلاردا «رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلمەكتىكەن.
مەسىلەن، شۇنداق تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى سارايېۋودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ فېيسبۇكتىكى تور بېتىگە چاپلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆرۈلگەن پەۋقۇلئاددە تەرەققىيات غەربنىڭ ئاتالمىش‹مەجبۇرىي ئەمگەك› ۋە ‹كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى› توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ» دېيىلگەن.
د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلتاينى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان پاراكەندىچىلىكلىرى ئاز بولمىغانىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەھدىتلەر د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسانى سارايېۋودىن تۇتۇپ كېتىش، ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىتىش، يىغىننى بۇزۇش، يالغان ئېلخەتلەر ئارقىلىق ۋەكىللەرنى قايمۇقتۇرۇش ۋە ۋەكىللەرگە تەھدىت سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ تەھدىتلەرگە قارشى بوسنىيە دائىرىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ قۇرۇلتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغان.