ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرقەدەر توپلىشىپ ماكانلاشقان جايلارنىڭ بىرى ماساچۇسسېت شتاتىدىكى بوستون شەھىرى بولۇپ، بۇ ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈرۈش، ئانا تىل ۋە مەدەنىيەتنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى يېقىندىن بۇيان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.
«بوستون دۇنياسى» گېزىتىنىڭ 8-فېۋرالدىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە بوستون ئەتراپىدىكى ئىككى يۈز نەچچە ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن شۇنچە ئۇزاق ماكاندا چامىسىنىڭ يېتىشىچە مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى جانلىق بايان قىلىپ بېرىلدى. ئاپتور زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى 2016-يىلى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا بارغان 13 ياشلىق سىدىق (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ مومىسى قۇلىقىغا پىچىرلاپ «ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ ئامېرىكادىن ھەرگىز قايتىپ كەلمە» دېگەن. ئەمما گۆدەك سىدىق ئۇ ۋاقىتتا بۇ گەپلەرنىڭ مەنىسىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر دىيارىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرغا خاس بارلىق شەيئىلەر تەدرىجىي يوقىلىشقا يۈزلەنگەن. باشقا جايلاردىكى مۇھاجىرلار توپىغا ئوخشاش بوستوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋەتەندىكى قوۋم-قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئەنە شۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ يىگىتلىككە قەدەم قويۇۋاتقان سىدىق ئاندىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قانداق زور ۋە ئېچىنىشلىق تراگېدىيەگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ تېگى يوق ھاڭغا ئوخشاش سانسىزلىغان ئۇيغۇرنى يۇتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان.
ۋەتەن بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بوستون ئۇيغۇرلىرى ماساچۇسسېت تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) نىڭ تۆرەلمە تەتقىقاتچىسى مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ باشلامچىلىقىدا «بوستون ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ چىققان ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەبىيلىرىگە ئۆز قۇربى يەتكەن دائىرىدە ئۇيغۇر كىملىكىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بوستونغا ئەڭ دەسلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى قەيسەر مېجىت مەنىلىك قىلىپ «كىملىكنىڭ ساقلاپ قېلىنىشى ئۈچۈن جامائەتنىڭ بولۇشى زۆرۈر. شۇڭا بىز ئائىلىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ۋە ئۇيغۇرچە چاقچاقلىشىشنى داۋام قىلىۋاتىمىز. بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. چۈنكى بالىلىرىمىز ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئۇنتۇپ كەتسە بولمايدۇ» دەيدۇ.
«بوستون ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە يەكشەنبىلىك مەكتەپ ئېچىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن تەلىم بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا بوستون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» نى چىقىرىش، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا دائىر قانۇنلارنىڭ تېزرەك ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ماسساچۇسسېت شتاتلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئىمزاسىنى قولغا كەلتۈرۈش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. بوستوندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن شەھىدە ئېلى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ نەچچە ئونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆز ئائىلىسىنىڭ پاجىئەسىنى، شۇ ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئاجىز بولساقمۇ ھېچبولمىغاندا بۇ زۇلۇملارغا قارشى كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇشىمىز كېرەك» دېگەن.