قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە تۇغۇلۇپ، كۆپ يىللار ئۇيغۇر دىيارىدىكى بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان قازاق بوكس ماھىرى قانات ئىسلامنىڭ 27-ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىنىڭ بوكا-رەيتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر بوكس مۇسابىقىسىدە رىقابەتچىسىنى يېڭىپ، نەتىجە قازانغانلىقىنى تۇشمۇ-تۇشتىن خەۋەر قىلدى.
««قازاقىستان» تېلېۋىزىيەسى بولسا قانات ئىسلامنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن پۈتۈن قازاقىستانغا تارقاتتى.
فلورىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كەسپى بوكس مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگراملىق قانات ئىسلام مېكسىكىلىق بوكس ماھىرى نوربېرتو گونسالېسانى يېڭىپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، نۆۋەتتە قانات ئىسلام قازاقىستانلىقلار پەخىرلىنىدىغان بوكس ماھىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇ 2011-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىپ، قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ۋە 2012-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى بىر بوكس كۇلۇبىدا دائىم تۇرۇپ مەشق قىلماقتا. قانات ئىسلام بۇ يەردىكى بوكس مۇسابىقىلىرىدە ئۆز نەتىجىلىرى ئارقىلىق قازاقىستان بايرىقىنىڭ كۆتىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرمەكتە.
33 ياشلىق قانات ئىسلام 1984-يىلى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە قازاق زىيالىيسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاكىسى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. قانات ئىسلام ئاكىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بوكس ماھىرى بولۇپ، يېتىشىپ 1997-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، بوكس كوماندىسىغا كىرىپ، ئاتاقلىق مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ بىۋاسىتە تەربىيەسىدە مەشىق قىلىپ، تېز كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە 2005-يىلى ھەم 2007-يىلى خىتاي بويىچە چېمپىيون بولغان، 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مىس مېدالغا ئېرىشكەن.
قانات ئىسلام 2010-يىلى، خىتاي دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىقىدىن ۋاز كېچىپ قازاقىستانغا يەرلەشكەن ۋە 2011-يىلى خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىپ، قازاقىستان گراژدانى بولغان ئىدى. ھازىر ئۇ قازاقىستان بوكس ماھىرى ھېسابلىنىدۇ.