بىرتانىيە خەلقى جۈمە كۈنى بىلەت تاشلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى خىتاينى ئەنسىرىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «دەۋر» ژۇرنىلىدا كۆرسىتىشىچە، ئەنگلىيە تەرەپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى ئەنگلىيە زىيارىتىدىن سەل ئاۋۋال ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتناشقان ۋە خىتاي بىلەن 60 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزگەن. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كامېرون «ئالتۇن دەۋر» دەپ تەرىپلىگەن.
ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭمۇ ئەنگلىيەنىڭ «خىتايغا ئەڭ ئوچۇق غەرب دۆلىتى» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا ئېچىلىش قارارىنى: «ئالدىن كۆرەرلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللاش» دەپ ماختىغان ئىدى.
ھالبۇكى، جۈمە كۈندىكى ئومۇم خەلق بىلەت تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى مەزكۇر «ئالتۇن دەۋر» نىڭ جۇلاسىنى ئۆچۈرگەن.
جۈمە كۈندىكى نەتىجىدىن كېيىن نۆۋەتتىكى باش ۋەزىر دەيۋىد كامېرون ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، دەيۋىد كامېرون ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى خىتاينىڭ ئەنگلىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېچىلغان ئىستراتېگىيەلىك يولى ئېتىلىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «خىتاي ئىقتىسادى ئاستىلىغان ۋە ئۇ دۇنياۋى شېرىك ئىزدەۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە بىرتانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.»
جۈمە كۈندىكى سايلامدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەنگلىيە خەلقنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەر خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆپ كۆرۈلمىگەن.