خىتاي ئارشاڭ ناھىيەسىدىن تېپىلغان برونزا ئەسۋابلىرى ۋە باشقا بۇيۇملاردا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى» بار دەپ تەشۋىق قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.29

تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلاردىن ئۇچۇر بېرىدىغان «ئارخېئولوگىيە خەۋەرلىرى» تورى 29-يانۋار كۈنى چىقارغان بىر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بورتالا ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسىگە يېقىن خارابىلىكتىن برونزا (مىس) پىچاق بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ پىچاق مىلادىيەدىن ئىلگىرى 2800-يىللاردىن 2600-يىللارغىچە بولغان دەۋرگە ئائىت ئىكەن.

 ئارخېئولوگلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2600-يىلدىن 1800-يىللارغىچە بولغان برونزا دەۋرىگە ئائىت قەبرىستانلىقلار چاسا تاشلار بىلەن قورشالغان بولۇپ، بۇنداق ئۇسلۇبتىكى قەبرىستانلىقلار ئالتاي تاغلىرى بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ غەربىي قىسىم رايونلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىكەن.

خىتاي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر برونزا پىچاقنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان قوشتاغ خارابىلىكىدىن تېپىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر برونزا پىچاقنىڭ خىتايدىكى ئەڭ قەدىمكى برونزا ئەسۋابلاردىن بىرى، شۇنداقلا ياۋروپا-ئاسىيا يايلاقلىرىدىن تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى برونزا بۇيۇملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان. خىتاي ئارخېئولوگلىرى 5000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان بۇ خارابىلىك ئورنىنىڭ ھازىرغىچە بۇ رايوندىن تېپىلغان برونزا دەۋرىگە ئائىت ئەڭ چوڭ خارابىلىك ئىكەنلىكىنى، قەدىمكى غەرب بىلەن شەرق مەدەنىيىتى ئۇچراشقان مۇھىم جاي ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىن تېپىلغان ساپال بۇيۇملار، ياغاچ بۇيۇملار، برونزا ئەسۋابلىرى قاتارلىق قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي رايوننىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ئىسپاتى» ئىكەنلىكىنى، ياغاچتىن ياسالغان ئات بېشىنىڭ بولسا «خىتاينىڭ ئەڭ بۇرۇن ئاتنى كۆندۈرگەنلىكىنىڭ دەلىلى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت ھەرقانداق قېزىلما يادىكارلىقلارنى خىتاي مەنبەلىك تارىخقا باغلاش ياكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خىتاي مەركەزچىلىك نۇقتىئىنەزىرى بويىچە شەرھلەش داۋام قىلماقتا. خىتاي يەنە تۇرپاندىكى «ياڭخېي» قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ئات ئىگىرىنىمۇ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» گە تەۋە قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى. خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمدىن يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەت ئىكەنلىكى، ئات-ئۇلاغ كۆندۈرۈشنىڭ ئەڭ دەسلەپتە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان مىللەتلەردە باشلانغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ بۇ قارىشىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم.

ئامېرىكالىق تارىخچى رايىن تۇم (Rian Thum) رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2019-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» دا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دېيىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، «خىتاي بۇنىڭغا ئورتاق كەچمىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن؛ ئۆز ئارا ئالاقە ھەم قوشۇلۇش توغرۇلۇق كۆپ سۆزلىگەن» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.