بۈگۈر ناھىيىسىدە قاماقتىكى تۇتقۇنلارغا «دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش» بويىچە دەرس ئۆتۈلگەن

بۈگۈر ناھىيىسىدە دىنىي رادىكاللىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەر مەخسۇس ھالدا «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تەربىيىلەش كۇرسى» غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، بۈگۈر ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى شۇ جايدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى سولاقخانىغا تەشكىللەپ ئاپىرىپ، تۇتقۇنلارغا «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» ھەققىدە دەرس ئۆتكۈزگەن. دەرس مەھبۇسلارغا بىرمۇ-بىر لېكسىيە سۆزلەش ۋە ۋىدىئو فىلىمى كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دىنىي رادىكاللىقنىڭ زىيىنى، «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ ماھىيىتى، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت بىلەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ پەرقى قاتارلىق تېمىلار بويىچە دەرس ئۆتكەن.

بۈگۈر ناھىيىسىدە تېخى 21 سېنتەبىر كۈنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە زور كۆلەملىك ۋە چىقىمى ئېغىر بولغان نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن ئىدى. ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتى 40 نەپەر ئىسيانچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى بىلەن زەھەرلەنگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر تۈرمىدە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش لېكسىيىسى ئاڭلاشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان بۇ تۇتقۇنلارنىڭمۇ شۇ ۋەقەگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

قانۇنچىلىق گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە، دەرستىن كېيىن 115 نەپەر تۇتقۇن ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بىلدۈردى، 45 نەپىرى توۋىنامە يازدى، يەنە 11 نەپىرى ئاكتىپ ھالدا دائىرىلەرنى دېلو يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى، دەپ بايان قىلغان.