سەھىيە تەشكىلاتى: بۇلغىنىش يىلىغا 3 مىليون ئادەمنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۆتكەن بەش يىلدا چوڭ شەھەرلەردىكى ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ 8 پىرسەنت ئېغىرلاشقانلىقى، ھاۋادىكى زەھەرلىك زەررىچىلەرنىڭ ھەر يىلى 3 مىليون ئادەمنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇلغىنىش نامرات ياكى ئوتتۇراھال كىرىمىدىكى دۆلەتلەردە دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر ئىكەن.

سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى دۇنيادىكى 103 دۆلەتكە جايلاشقان 3 مىڭ شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەييارلانغان. بۇ ھەقتىكى سېلىشتۇرما خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ بۇلغانغان 50 شەھەرنىڭ 8 خىتايغا جايلاشقان ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ياۋروپادىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەر بوسنىيەنىڭ تۇزلا شەھىرى بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ ھاۋاسىدىكى بۇلغىما زەھەرلىك زەررىچىلەرنىڭ سانى خىتاي، ھىندىستان ۋە پاكىستاندىكى بۇلغانغان شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئاز ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھاۋادىكى زەھەرلىك ئۇششاق زەررىچىلەر MP 2.5 قىممىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ھەر كۇبمېتىر ھاۋادا دىكى MP 2.5 بۇلغىما زەررىچىلەر 10 مىكروگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ياكى ئۇنىڭدىن توۋەن بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

«يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى» 20 - ئاپىرىلدىكى دوكلاتىدا خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ غەربىي شەھەرلەرگە قاراپ كۆچۈۋاتقانلىقىنى، قەشقەر ۋە خوتەننىڭ خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەر تىزىملىكىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇلار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا قەشقەرنىڭ ھەر كۇبمېتىر ھاۋاسىدىكى MP 2.5 بۇلغىما زەررىچىلەر 276.1 مىكروگرام بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 99 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا قەشقەر ۋە خوتەنگە ئائىت مەلۇماتلار كۆزگە چېلىقمايدۇ.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى دوختۇر مارىيا نېيرا: «شەھەرلەردىكى ھاۋا بۇلغىنىش كىشىنى چۆچۈتىدىغان سۈرەتتە ئېغىرلاشماقتا. بۇ ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا ئىزچىل ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە» دېدى.