257 مىڭ خىتاي پۇقراسى ھاۋا بۇلغىنىش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدىكەن


بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە 257 مىڭ خىتاي پۇقراسى ھاۋا بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ساغلىق ئاسارەتلىرى تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار خىتايدىكى كۆمۈر سانائەت بازىلىرى قويۇپ بېرىدىغان بۇلغىغۇچى ماددا - PM 2.5 زەررىچىسى ئۇستىدىن ئانالىز ئېلىپ بارغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ھاۋادىكى يۇقىرىقى بۇلغىغۇچى زەررىچىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى 2013 - يىلدىكى سەۋىيەنى ساقلاپ قالسا، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە يۈرەك كېسىلى ۋە ئۆپكە راكى بىلەن ئۆز ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن.

كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە شاڭخەي شەھىرىدە ھەر 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە 137 ئادەم بۇلغىنىش كەلتۈرۈلۈپ چىقارغان كېسەللىكلەردە ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

ئىلگىرىكى بەزى خەۋەرلەردە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭمۇ خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.