بۇ يىلقى 20-نويابىر «دۇنيا بالىلار كۈنى» خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاز دېگەندە 800 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت بالىلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئانا تىلى، ئاتا-ئانا تەربىيەسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ئايرىپ تاشلىشى 7-يىلىغا قەدەم قويغان بىر ۋاقىتتا يېتىپ كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس 20-نويابىر «X» تا ئىنكاس يوللاپ، دۇنيانى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە يەنە چاقىرغان.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» غا ئوخشاش تەشكىلاتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا قولغا ئېلىنىپ تۈرمە-لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئونمىڭلىغان پەرزەنتى، دۆلەتنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» گە يۆتكەپ كېتىلىپ، ئۇلارغا خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر دۆلەتنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» گە يۆتكەپ كېتىلگەن بالىلار ئاز دېگەندىمۇ 800 مىڭغا بارىدىكەن. روشەن ئابباس «X» تىكى ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كومپارتىيەسى بىگۇناھ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، ئۇلارنى دۆلەت قارمىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتاي قىلىپ تەربىيىلەۋاتىدۇ. ئۇلار ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىل مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىشى چەكلەنمەكتە. گەرچە ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىش ۋە يىلتىزىدىن مەھرۇم قىلىنىشتەك تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جاراھەتنى باشتىن كەچۈرمەكتە.»
ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسى ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. گەرچە ئۇلار خىتاينىڭ سىياسىتى مەجبۇرى ئاسسمىلاتسىيەگە كىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەتنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق بېشارەت كۆرۈلگىنى يوق. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىشى ۋە خىتاينىڭ تىل سىياسىتى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە خاراكتېرىگە ئىگە» ئىكەن.