ئۈرۈمچى بۇلاقتاغدىكى بىر خىتاي بۇتخانىسىغا ئوت قويۇۋېتىلگەن
2013.09.30
ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقتاغ (شۈيموگو) رايونىدىكى بىر خىتاي بۇتخانىسىغا شەنبە كېچىدە ئوت قويۇۋېتىلگەن. خىتايچە ياشىن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن، ئەمما ۋەقەنىڭ نامەلۇم بىر كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى بايقالغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شەنبە كېچە سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى 9دىن 50 ئۆتكەندە بۇتخانىدىن زور ۋە دەھشەتلىك ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلگەن. ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، 2 سائەتتىن كېيىن ئوتنى تامامەن ئۆچۈرەلىگەن. بۇتخانىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيلىرىدىن ئاساسلىق بىر خانىسى كۈيۈپ غۇلاپ چۈشكەن. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ياشىن تورى مۇخبىرىغا بايان قىلىشىچە، بۇتخانىدا ئەسلىدە بار بولغان 3 دانە ئوت ئۈچۈرۈش ئەسۋابى بۇزۇۋېتىلگەن ۋە ئوت بۇتخانىغا بىر نۇقتىدىن ئەمەس، بىرقانچە نۇقتىدىن تۇتاشتۇرۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن ساقچىلار ۋەقەنىڭ تەبىئىي ئاپەت ئەمەسلىكىنى، نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ پىلانلىق ھالدا ئوت قويغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوت قويۇۋېتىلگەن بۇتخانا نۆۋەتتە ماھاپىزەت چەمبىرىكىگە ئېلىنىپ ۋەقەنىڭ سەۋەبكارى ياكى جاۋابكارى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.