CAIR يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ دىنىي ساھەدىكى بۇزغۇنچىلىقىنى ئەيىبلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقى ئىسلام دىنىنى باھانە قىلغان ھالدا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئىسلام دىنىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشتەك بۇ قىلمىشنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ھالقىپ، باشقا ئۆلكىلەرگىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدىكى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى نىڭشيا، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن دىنىي قۇرۇلۇشلارنى نىشان قىلىشقا يۈزلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بىر قىسىم قىلمىشلار ئىچكىرى خىتاي رايونلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.

يېڭى زېلاندىيەدىكى «پوچتا» گېزىتىنىڭ 22-نويابىردىكى ئوبزورىدا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدىن نەقىل ئالغان ھالدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئىسلام دىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسىتىلىدۇ.

«ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» (CAIR) 22-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى كەسكىن ئەيىبلىگەن. مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش ساھەسىدە ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئىگە بولغان مەزكۇر كېڭەشنىڭ باياناتىدا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى «سۈنئىي بۇزغۇنچىلىق» دەپ كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئالاقە دىرېكتورى ئىبراھىم خۇپېر (Ibrahim Hooper) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي كومپارتىيەسى ئىسلام دىنىغا ئىزچىل تۈردە جەڭ ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ھازىر ئۇلار مەسچىتلەرنى تاقاش بىلەنلا قالماستىن يەنە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىنى شى جىنپىڭ بىلەن زىياپەت ئۈستىلىدە ھەمداستىخان بولغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بۇنداق بىر شەخس بىلەن ھەمداستىخان بولۇش بەكمۇ نومۇسلۇق بىر قىلمىش» دەپ كۆرسەتكەن.