ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 11-ئاۋغۇست كۈنى تىۋىتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ، تۇتقۇندىكى راھىلە داۋۇتنىڭ تەقدىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
تىۋېتتېردا مۇنداق دېيىلگەن: «راھىلە داۋۇت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر فولكلورشۇناسى، ئەمما ئۇ 2017-يىل ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قانداق سوتلىغانلىقى ۋە نەگە قامىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى. بىز ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلىمىز ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنىڭ مەسىلىسىنى خىتاي ئەمەلدالىرىنىڭ ئالدىغا قويۇشقا چاقىرىمىز».
راھىلە داۋۇت 2017-يىل 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى راھىلە داۋۇتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىل «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە راھىلە داۋۇتقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىنغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانىدى.