خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت پروگراممىسىدا ئورۇنلانغان بىر كومېدىيە نومۇرى «ئىرقچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «تەڭ خۇشاللىق ۋە ئورتاق سائادەت» سەرلەۋھىلىك بۇ كومېدىيەدە خىتاي ئارتىسلار ئافرىقىلىق بىر قارا ئايال بىلەن مايمۇن، شىر، زىراپە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ رولىنى ئويناپ چىققان. 13 مىنۇتلۇق بۇ كومېدىيە كولومبىيەلىك ئاتاقلىق ئارتىس شاكىرانىڭ «ۋاكا، ۋاكا» ناملىق ناخشىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، كومېدىيەدە ئافرىقىلىق ئايالنىڭ رولىنى ئېلىپ چىققان خىتاي ئايال ئارتىس يۈزىنى قارىغا بويىۋالغان. ئارتىسلار خىتاينىڭ كېنىيەدە قۇرغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدىكى يولۇچىلارنىڭ رولىنى ئالغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كومېدىيە خىتاي-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى مەدھىيەلەشكە بېغىشلانغاندەك قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەزمۇنى، ئۇنىڭدىكى روللار ۋە دىئالوگلار توردا نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، كومېدىيە «مەدەنىيەت بىپەرۋالىقى»، «ھۆرمەتسىزلىك» ياكى «پۈتۈنلەي ئىرقچىلىق» دەپ تەنقىد قىلىنغان.
بۇ خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت پروگراممىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تەنقىدكە ئۇچرىشى ئەمەس ئىكەن. خىتاينىڭ ھەر يىللىق چاغانلىق سەنئەت پروگراممىلىرى ئىلگىرى ئىزچىل ھالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ سەنئەت پروگراممىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇ يىل چاغانلىق سەنئەت پروگراممىسىدىمۇ كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىگە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە كەڭ مەدھىيە ئوقۇلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئىرقىي مەسىلىلەرنىڭ خىتايدا بەك سەزگۈر قارالمايدىغانلىقى، خىتاي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بەزىدە باشقا مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى بەك قوپال تەسۋىرلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يۇقىرىقى تەنقىدلەرگە قارىتا بېيجىڭدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنكاسى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلەر ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلغان، بەزىلەر يۇقىرى تەنقىدلەرنى «ئاشۇرۇۋەتكەنلىك» دەپ قارىغان.