چاقىلىق ناھىيەسىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئەمما ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەن


8 - ئىيۇل چاقىلىق ناھىيەسىدە يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئەمما ئۆلۈم يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەن.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 8 - ئىيۇل ئەتىگەندە مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدە ياغقان قاتتىق يامغۇر 12 سائەت داۋام قىلغان. نەتىجىدە يامغۇر كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ ھەقتىكى باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كەلكۈن ناھىيە مەركىزىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن. ناھىيەلىك ئېغىر سائەت رايونىغا يېقىن چۆللۈكتە كەلكۈن ئاپىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغان.

سۇمۇرغ تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپەتتە چاقىلىق ناھىيەسى ئاۋيۇەن سودا چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق بىر ئائىلىلىكلەر رايونىدىن 26 ئېغىز ئۆي ھەر خىل دەرىجىدە زەخىمىگە ئۇچرىغان، ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.

خەۋەرلەردە ئاپەت جەريانىدا ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر قىسىم تاشيوللارنىڭ بۇزۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاپەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلار بېرىلمىگەن.

چارشەنبە كۈنى يەكەن ناھىيەسىدە تۇپراق ئېقىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 35 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، خىتاي ئاخباراتى ۋەقە ھەققىدىكى چەكلىك ئۇچۇرلارنى بىر كۈندىن كېيىن ئاندىن ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان ئىدى.