«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 17-فېۋرال چىقارغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، چاقىلىق ناھىيەسىدە غايەت چوڭ كۆلەملىك «سۇ ئامبىرى ئېلېكتىر بازىسى» قۇرۇلۇشى باشلانغان. نەق مەيداندا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرى 450 ئادەمگە يەتكەن؛ قۇرۇلۇش يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەندە، 1600 غا يېتىدىكەن. يىلىغا 2 مىليارد 625 مىليون كىلوۋات سائەت توك چىقىرىشى پىلانلانغان بۇ غايەت چوڭ ئېلېكتىر بازىسى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 15 مىليارد 670 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 2031-يىلى تاماملاش مۆلچەرلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل «سۇ ئامبىرى ئېلېكتىر بازىسى» توك سەرپىياتى تۆۋەن چاغدا يەر ئاستىدىن سۇنى تارتىپ چىقىپ سۇ ئامبىرىنى تولدۇرىدىكەن، توك سەرپىياتى يۇقىرى چاغدا سۇلارنى شۇ ئورۇندىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يوللاپ بېرىدىكەن. خەۋەردە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خىتاينىڭ «14-5 يىللىق پىلانى» دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئىكەنلىكى، «شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى» كۆرسىتىلگەن. ئەمما بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تەكلىماكان بويلىرىدىكى تاغلىق جايغا پىلانلانغان بۇ «سۇ ئامبىرى ئېلېكتىر بازىسى» نىڭ سۇ مەنبەسى قار-يامغۇر سۇلىرىدىن ئەمەس، بەلكى يەر ئاستىدىن كېلىدىكەن. يەنى چوڭ گېنېراتورلار ئارقىلىق ئىشلەيدىغان سۇ پومپىسى يەر ئاستى سۇلىرىنى تارتىپ چىقىش ئارقىلىق سۇ ئامبىرىنى تولدۇرۇلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىش ۋە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلغان، ئامېرىكادىكى مايامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، مەرھۇم ستانلى توپس ئەپەندى ئىلگىرى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، تەكلىماكاندىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىنىڭ سۇ كەملىكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ رايوننى ئېچىشتىن بەكرەك قانداق قىلىپ چەكلىك بولغان ھاياتلىق مەنبەسى-سۇنى خوراتماسلىق توغرىسىدا باش قاتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ توك تەمىنلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا كۈچىمەكتە. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 14-فېۋرال چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدا «شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش» مىقدارى 11 مىليارد 181 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئۆتكەن يىل ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16.93 پىرسەنت ئاشقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 4 لىنىيە بويىچە ئىچكىرى خىتاينىڭ 22 ئۆلكىسىگە تەمىنلەپ كېلىۋاتقان توك مىقدارى 2010-يىل 300 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان بولسا، 2024-يىل 126 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى خىتايغا تېخىمۇ كۆپ توك تەمىنلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساسلىق قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭ توكى» بىلەن تەمىنلەنگەن ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى زور دەرىجىدە ئازايغان. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا كۆمۈر قالايدىغان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى يەنىلا مەشغۇلاتىنى داۋام قىلماقتىكەن. مەرھۇم پىروفېسسور ستانلىي توپس بۇ مەسىلە توغرۇلۇق رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇش ئارقىلىق ئىچكىرى خىتاينىڭ توك ئېھتىياجىنى قامداۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىنى بۇلغاۋاتقان كاربون گازىنىڭ بەرىبىر ئىچكىرى خىتايغىمۇ زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.